قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » سۈرە سەپ

اختر القاريء


ئۇيغۇرچە

سۈرە سەپ - عدد الآيات 14
سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ ( 1 ) سەپ - الآية 1
ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر (يەنى ئىنسانلار، ئۆسۈملۈكلەر، جانسىز شەيئىلەر) اﷲ قا تەسبىھ ئېيتتى، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لِمَ تَقُولُونَ مَا لَا تَفْعَلُونَ ( 2 ) سەپ - الآية 2
ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟ (يەنى ئەمەلدە سىلەر قىلمايدىغان ياخشى ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن ئاغزىڭلاردا قىلىمىز دەيسىلەر؟)
كَبُرَ مَقْتًا عِندَ اللَّهِ أَن تَقُولُوا مَا لَا تَفْعَلُونَ ( 3 ) سەپ - الآية 3
سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيىشىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ (كۆرۈلىدىغان نەرسىدۇر)
إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الَّذِينَ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِهِ صَفًّا كَأَنَّهُم بُنْيَانٌ مَّرْصُوصٌ ( 4 ) سەپ - الآية 4
شۈبھىسىزكى، اﷲ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ جىھاد قىلغانلارنى (يەنى ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمەنلەرگە ئۇچراشقان چاغدا مەۋقەسىدە ساباتلىق تۇرۇپ غازات قىلغانلارنى) دوست تۇتىدۇ
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ لِمَ تُؤْذُونَنِي وَقَد تَّعْلَمُونَ أَنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ ۖ فَلَمَّا زَاغُوا أَزَاغَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ ( 5 ) سەپ - الآية 5
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ اﷲ نىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ سىلەر ماڭا نېمىشقا ئازار بېرىسىلەر؟» دېدى، ئۇلار (ھەقتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، اﷲ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، اﷲ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
وَإِذْ قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ إِنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُم مُّصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَمُبَشِّرًا بِرَسُولٍ يَأْتِي مِن بَعْدِي اسْمُهُ أَحْمَدُ ۖ فَلَمَّا جَاءَهُم بِالْبَيِّنَاتِ قَالُوا هَٰذَا سِحْرٌ مُّبِينٌ ( 6 ) سەپ - الآية 6
ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن اﷲ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن» دېدى. ئىسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُوَ يُدْعَىٰ إِلَى الْإِسْلَامِ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ ( 7 ) سەپ - الآية 7
ئىسلامغا دەۋەت قىلىنىۋېتىپ، اﷲ قا يالغاننى (يەنى اﷲ نىڭ شېرىكى بار، بالىسى بار دېگەندەك سۆزلەرنى) چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ اﷲ زالىم (يەنى كاپىر) قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
يُرِيدُونَ لِيُطْفِئُوا نُورَ اللَّهِ بِأَفْوَاهِهِمْ وَاللَّهُ مُتِمُّ نُورِهِ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ ( 8 ) سەپ - الآية 8
ئۇلار اﷲ نىڭ نۇرىنى (يەنى اﷲ نىڭ دىنىنى ۋە نۇرلۇق شەرىئىتىنى) ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ، كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، اﷲ ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر (يەنى ئۆزىنىڭ دىنىنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر
هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُشْرِكُونَ ( 9 ) سەپ - الآية 9
مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، اﷲ ھەق دىننى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰ تِجَارَةٍ تُنجِيكُم مِّنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ ( 10 ) سەپ - الآية 10
ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟
تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَتُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ بِأَمْوَالِكُمْ وَأَنفُسِكُمْ ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ ( 11 ) سەپ - الآية 11
اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە (چىن) ئىمان ئېيتقايسىلەر، اﷲ نىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلغايسىلەر، ئەگەر بىلسەڭلار، سىلەر ئۈچۈن بۇ ياخشىدۇر
يَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَيُدْخِلْكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ وَمَسَاكِنَ طَيِّبَةً فِي جَنَّاتِ عَدْنٍ ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ ( 12 ) سەپ - الآية 12
(شۇنداق قىلساڭلار) اﷲ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىكى گۈزەل سارايلاردا (تۇرغۇزىدۇ)، بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر
وَأُخْرَىٰ تُحِبُّونَهَا ۖ نَصْرٌ مِّنَ اللَّهِ وَفَتْحٌ قَرِيبٌ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ ( 13 ) سەپ - الآية 13
سىلەرگە (مەرھەمەت قىلىنىدىغان) سىلەر ياخشى كۆرۈدىغان ئىككىنچى بىر نېمەت اﷲ تىن كېلىدىغان نۇسرەت ۋە يېقىن غەلىبە (يەنى مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى) دۇر، (ئى مۇھەممەد!) مۆمىنلەرگە (بۇ روشەن مەرھەمەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا أَنصَارَ اللَّهِ كَمَا قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ لِلْحَوَارِيِّينَ مَنْ أَنصَارِي إِلَى اللَّهِ ۖ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنصَارُ اللَّهِ ۖ فَآمَنَت طَّائِفَةٌ مِّن بَنِي إِسْرَائِيلَ وَكَفَرَت طَّائِفَةٌ ۖ فَأَيَّدْنَا الَّذِينَ آمَنُوا عَلَىٰ عَدُوِّهِمْ فَأَصْبَحُوا ظَاهِرِينَ ( 14 ) سەپ - الآية 14
ئى مۆمىنلەر! ھەۋارىيۇنلار (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپتە ئىمان ئېيتقان مۆمىن قەۋم) دەك اﷲ نىڭ ياردەمچىلىرى بۇلۇڭلار، مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا ھەۋارىيۇنلارغا: «(اﷲ نىڭ دەۋىتىنى تەبلىغ قىلىشتا) اﷲ قا كىملەر ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟» دېدى، ھەۋارىيۇنلار: «بىز اﷲ نىڭ ياردەمچىلىرىمىز» دېدى، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر تائىپە ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر تائىپە كاپىر بولدى، مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىدا يار - يۆلەكتە بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن مۆمىنلەر غالىب بولدى

كىتابلار

  • ئىسلام تەلىماتى«ئىسلام تەلىماتى» بۇ ئەسەر كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ چۈشۇنىشى قولاي بولسۇن ئۈچۈن سۇئال - جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، ئىنسان ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان بەزى بىر مۇھىم مەسىلىلەرنى، مەيلى ئۇ ئەقىدىگە ئائىت ۋەياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پىقھى مەسىلىلەرگە ئائىت بولسۇن قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايانغان ئاساستا، ئۇ مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۈچۈق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

    يازما : مۇپتى مۇھەممەد كىپايىتۇللاھ

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئەبۇ ئالىيە

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/73275

    التحميل :ئىسلام تەلىماتى

  • ئاياللار ئۈچۈن مۇھىم پەتىۋالار«ئاياللار ئۈچۈن مۇھىم پەتىۋالار» ناملىق بۇ كىتاپتا، شەرىئەت، ئىجتىمائى تۇرمۇش، پىسخىك ۋە كىشىلىك جەمىيەت قاتارلىق ساھالەرگە چىتىلىدىغان ئاياللارغا ئائىت مەسىلىلەرگە، داڭلىق ۋە ئىشەنچىلىك دىنى ئۆلىمالارنىڭ بەرگەن پەتىۋالىرى ۋە ھۆكۈملىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتاپچە ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىغا، بەزى مۇھىم مەسىلىلەردە ياردەمچى بولغۇسى.

    يازما : سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتىتى

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.nurislam.cn

    Source : http://www.islamhouse.com/p/52884

    التحميل :ئاياللار ئۈچۈن مۇھىم پەتىۋالار

  • ئوسمۇرلەر ئۈچۈن دەسلەپكى ئىسلام تەلىماتى«ئوسمۇرلەر ئۈچۈن دەسلەپكى ئىسلام تەلىماتى» ناملىق بۇ ئەسەر، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ، ئېتىقاتلىق، بىلىملىك، ئەدەپلىك ۋە غەيرەت شۇجائەتلىك ، ئىمانى ۋە ئىنسانى پەزىلەت بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە تۇرتكە بولغۇسى، ئۇنىڭغا قانداق تەربىيەلەرنى بىرىشىمىز ، نىمىلەرنى ئۈگۈتۇشىمىزنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا ئوسمۇرلەرنىڭ ئېڭىغا ماس ھالدا، قۇرئان ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ چۇشۇنۇشلىك قىلىپ بۇ ھەقتە يوليورۇق بىرىدۇ.

    يازما : ھەسسان ئىبنى سابىت

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/57684

    التحميل :ئوسمۇرلەر ئۈچۈن دەسلەپكى ئىسلام تەلىماتى

  • مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى» ناملىق بۇ كىتاب دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ياۋرۇپا ئەللىرىدىمۇ كۆرىنەرلىك نەتىجەگە ئېرىشكەن ۋە غەيرى مۇسلىملار ئارىسىدىمۇ غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ كىتابتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كىلىپ چېقىشى، دۇنياغا كېلىشى ۋە ۋەھيى چۈشۈشتىن ئىلگىرىكى ھاياتى، ئەخلاقى ۋە پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىنكى دىن تەشۋىقات پائالىيەتلىرى، ھېجرەت ۋە غازاتلىرى، ۋاپاتى قاتارلىق ئۇ زاتنىڭ ھاياتىغا ئائىت ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارنى ھۆزۇرۇڭلارغا سۇنىدۇ.

    يازما : ئەبۇبەكرى سىراجىددىن

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/64945

    التحميل :مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى

  • حكم الاستغاثة بالأولياء-

    Source : http://www.islamhouse.com/p/2296

    التحميل :حكم الاستغاثة بالأولياء