قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » سۈرە ئىنسان

ئۇيغۇرچە

سۈرە ئىنسان - عدد الآيات 31
هَلْ أَتَىٰ عَلَى الْإِنسَانِ حِينٌ مِّنَ الدَّهْرِ لَمْ يَكُن شَيْئًا مَّذْكُورًا ( 1 ) ئىنسان - الآية 1
ئىنسان (ئانىنىڭ قورسىقىدا) بىر مۇددەتنى ئۆتكۈزدى، ئۇ (ئەرزىمگەنلىكتىن) تىلغا ئېلىنىدىغان نەرسە بولمىدى
إِنَّا خَلَقْنَا الْإِنسَانَ مِن نُّطْفَةٍ أَمْشَاجٍ نَّبْتَلِيهِ فَجَعَلْنَاهُ سَمِيعًا بَصِيرًا ( 2 ) ئىنسان - الآية 2
شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىي (يەنى ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ مەنىيسى) دىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز (شەرىئەت تەكلىپلىرى بىلەن) سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (ئۇنى نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسۇن، كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆرسۇن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆرۈدىغان قىلىپ ياراتتۇق
إِنَّا هَدَيْنَاهُ السَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرًا وَإِمَّا كَفُورًا ( 3 ) ئىنسان - الآية 3
شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىز (پەيغەمبەر ئەۋەتىش بىلەن ياخشى - يامان) يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ مۆمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ) اﷲ نىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلغۇچىدۇر، ياكى (فاجىر بولۇپ يامان يولدا مېڭىپ) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر
إِنَّا أَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ سَلَاسِلَ وَأَغْلَالًا وَسَعِيرًا ( 4 ) ئىنسان - الآية 4
شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا (پۇتلىرىغا سېلىنىدىغان) زەنجىرلەرنى، (بويۇنلىرىغا سېلىنىدىغان) تاقاقلارنى ۋە يېنىپ تۇرغان دوزاخنى تەييارلىدۇق
إِنَّ الْأَبْرَارَ يَشْرَبُونَ مِن كَأْسٍ كَانَ مِزَاجُهَا كَافُورًا ( 5 ) ئىنسان - الآية 5
ھەقىقەتەن ياخشىلار كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان (مەي بىلەن تولدۇرۇلغان) جاملاردىن ئىچىدۇ
عَيْنًا يَشْرَبُ بِهَا عِبَادُ اللَّهِ يُفَجِّرُونَهَا تَفْجِيرًا ( 6 ) ئىنسان - الآية 6
(ئۇ كافۇر جەننەتتىكى بىر) بۇلاقتىن ئېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدىن اﷲ نىڭ (ياخشى) بەندىلىرى ئىچىدۇ، ئۇ بۇلاقنى ئۇلار (خالىغان جايلىرىغا ئېقىتىپ بارالايدۇ
يُوفُونَ بِالنَّذْرِ وَيَخَافُونَ يَوْمًا كَانَ شَرُّهُ مُسْتَطِيرًا ( 7 ) ئىنسان - الآية 7
ئۇلار ئۆز ئۈستىگە قەسەم ئىچىپ ئالغان ئىشنى ئورۇنلايدۇ ۋە دەھشىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن) قورقىدۇ
وَيُطْعِمُونَ الطَّعَامَ عَلَىٰ حُبِّهِ مِسْكِينًا وَيَتِيمًا وَأَسِيرًا ( 8 ) ئىنسان - الآية 8
ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇق، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ
إِنَّمَا نُطْعِمُكُمْ لِوَجْهِ اللَّهِ لَا نُرِيدُ مِنكُمْ جَزَاءً وَلَا شُكُورًا ( 9 ) ئىنسان - الآية 9
(ئۇلار ئېيتىدۇ) «سىلەرگە بىز اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن (بۇنىڭ بەدىلىگە) ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز
إِنَّا نَخَافُ مِن رَّبِّنَا يَوْمًا عَبُوسًا قَمْطَرِيرًا ( 10 ) ئىنسان - الآية 10
شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن ئېغىر، قاتتىق كۈندىن قورقىمىز»
فَوَقَاهُمُ اللَّهُ شَرَّ ذَٰلِكَ الْيَوْمِ وَلَقَّاهُمْ نَضْرَةً وَسُرُورًا ( 11 ) ئىنسان - الآية 11
اﷲ ئۇلارنى شۇ كۈننىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارنىڭ (يۈزلىرىگە) نۇر، (دىللىرىغا) خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ
وَجَزَاهُم بِمَا صَبَرُوا جَنَّةً وَحَرِيرًا ( 12 ) ئىنسان - الآية 12
ئۇلارنىڭ سەۋر - تاقەتلىرى ئۈچۈن اﷲ ئۇلارنى جەننەت بىلەن ۋە (ئۇ يەردىكى) يىپەك (لىباسلار) بىلەن مۇكاپاتلايدۇ
مُّتَّكِئِينَ فِيهَا عَلَى الْأَرَائِكِ ۖ لَا يَرَوْنَ فِيهَا شَمْسًا وَلَا زَمْهَرِيرًا ( 13 ) ئىنسان - الآية 13
ئۇلار جەننەتتە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتتە قاتتىق ئىسسىقنىمۇ، قاتتىق سوغۇقنىمۇ كۆرمەيدۇ
وَدَانِيَةً عَلَيْهِمْ ظِلَالُهَا وَذُلِّلَتْ قُطُوفُهَا تَذْلِيلًا ( 14 ) ئىنسان - الآية 14
جەننەتتىكى (دەرەخلەرنىڭ) سايىلىرى ئۇلارغا يېقىندۇر، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈش ئۇلارغا ئاسان قىلىنىدۇ
وَيُطَافُ عَلَيْهِم بِآنِيَةٍ مِّن فِضَّةٍ وَأَكْوَابٍ كَانَتْ قَوَارِيرَا ( 15 ) ئىنسان - الآية 15
ئۇلارغا (تاماق قاچىلانغان) كۈمۈش تەخسىلەر، (مەي تولدۇرۇلغان) كۈمۈشتىن ياسالغان (شىشىدەك سۈزۈك) جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇلۇپ تۇرىدۇ، (ساقىيلار، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ) لايىق ئۆلچەيدۇ (يەنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپمۇ قالمايدۇ، كېمىيىپمۇ قالمايدۇ
قَوَارِيرَ مِن فِضَّةٍ قَدَّرُوهَا تَقْدِيرًا ( 16 ) ئىنسان - الآية 16
ئۇلارغا (تاماق قاچىلانغان) كۈمۈش تەخسىلەر، (مەي تولدۇرۇلغان) كۈمۈشتىن ياسالغان (شىشىدەك سۈزۈك) جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇلۇپ تۇرىدۇ، (ساقىيلار، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ) لايىق ئۆلچەيدۇ (يەنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپمۇ قالمايدۇ، كېمىيىپمۇ قالمايدۇ
وَيُسْقَوْنَ فِيهَا كَأْسًا كَانَ مِزَاجُهَا زَنجَبِيلًا ( 17 ) ئىنسان - الآية 17
ئۇلار يەنە جەننەتتە زەنجىبىل ئارىلاشتۇرۇلغان جام بىلەن (يەنى جامدىكى مەي بىلەن) سۇغىرىلىدۇ
عَيْنًا فِيهَا تُسَمَّىٰ سَلْسَبِيلًا ( 18 ) ئىنسان - الآية 18
جەننەتتە سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاقمۇ بار
وَيَطُوفُ عَلَيْهِمْ وِلْدَانٌ مُّخَلَّدُونَ إِذَا رَأَيْتَهُمْ حَسِبْتَهُمْ لُؤْلُؤًا مَّنثُورًا ( 19 ) ئىنسان - الآية 19
قېرىماي ھەمىشە ياش تۇرىدىغان غىلمانلار نۆۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا (ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى، سۈزۈكلۈكى ۋە نۇرلۇقلۇقىغا قاراپ) ئۇلارنى تېرىلىپ كەتكەن مەرۋايىتمىكىن دەپ قالىسەن
وَإِذَا رَأَيْتَ ثَمَّ رَأَيْتَ نَعِيمًا وَمُلْكًا كَبِيرًا ( 20 ) ئىنسان - الآية 20
قاچانكى سەن قارايدىغان بولساڭ، بۇ يەردە (تەسۋىرلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان) نېمەتلەرنى ۋە كاتتا پادىشاھلىقنى كۆرۈسەن
عَالِيَهُمْ ثِيَابُ سُندُسٍ خُضْرٌ وَإِسْتَبْرَقٌ ۖ وَحُلُّوا أَسَاوِرَ مِن فِضَّةٍ وَسَقَاهُمْ رَبُّهُمْ شَرَابًا طَهُورًا ( 21 ) ئىنسان - الآية 21
ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا يۇپقا يىپەك ۋە قېلىن يىپەكتىن (تەييارلانغان) يېشىل كىيىملەر بولىدۇ، (ئۇلار) كۈمۈش ئۈزۈكلەرنى تاقايدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى پاك شاراب بىلەن سۇغىرىدۇ
إِنَّ هَٰذَا كَانَ لَكُمْ جَزَاءً وَكَانَ سَعْيُكُم مَّشْكُورًا ( 22 ) ئىنسان - الآية 22
شۈبھىسىزكى، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر، سىلەرنىڭ مېھنىتىڭلار قوبۇل بولدى
إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْقُرْآنَ تَنزِيلًا ( 23 ) ئىنسان - الآية 23
(ئى مۇھەممەد!) ھەقىقەتەن بىز ساڭا قۇرئاننى بۆلۈپ - بۆلۈپ نازىل قىلدۇق
فَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تُطِعْ مِنْهُمْ آثِمًا أَوْ كَفُورًا ( 24 ) ئىنسان - الآية 24
سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچىغا بويسۇنمىغىن
وَاذْكُرِ اسْمَ رَبِّكَ بُكْرَةً وَأَصِيلًا ( 25 ) ئىنسان - الآية 25
ئەتىگەن - ئاخشامدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭغا كۆپ تائەت - ئىبادەت قىلغىن)
وَمِنَ اللَّيْلِ فَاسْجُدْ لَهُ وَسَبِّحْهُ لَيْلًا طَوِيلًا ( 26 ) ئىنسان - الآية 26
كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، كۆپ قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت
إِنَّ هَٰؤُلَاءِ يُحِبُّونَ الْعَاجِلَةَ وَيَذَرُونَ وَرَاءَهُمْ يَوْمًا ثَقِيلًا ( 27 ) ئىنسان - الآية 27
شۈبھىسىزكى، بۇلار (يەنى مۇشرىكلار) دۇنيانى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق بىلىدۇ، كەلگۈسىدىكى قىيىن بىر كۈنگە (يەنى قىيامەتكە) سەل قارايدۇ
نَّحْنُ خَلَقْنَاهُمْ وَشَدَدْنَا أَسْرَهُمْ ۖ وَإِذَا شِئْنَا بَدَّلْنَا أَمْثَالَهُمْ تَبْدِيلًا ( 28 ) ئىنسان - الآية 28
بىز ئۇلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ بەدىنىنى مەزمۇت قىلدۇق، ئەگەر بىز خالىساق (ئۇلارنى ھالاك قىلىپ) ئورنىغا ئۇلارغا ئوخشاش باشقا ئادەمنى دەسسىتەتتۇق
إِنَّ هَٰذِهِ تَذْكِرَةٌ ۖ فَمَن شَاءَ اتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِ سَبِيلًا ( 29 ) ئىنسان - الآية 29
شۈبھىسىزكى، بۇ (ئايەتلەر) ۋەز - نەسىھەتتۇر (بۇ ۋەز - نەسىھەتتىن پايدىلىنىشنى) خالىغان ئادەم پەرۋەردىگارىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن
وَمَا تَشَاءُونَ إِلَّا أَن يَشَاءَ اللَّهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا ( 30 ) ئىنسان - الآية 30
پەقەت اﷲ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى ھەممە ئىش اﷲ نىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر). اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
يُدْخِلُ مَن يَشَاءُ فِي رَحْمَتِهِ ۚ وَالظَّالِمِينَ أَعَدَّ لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا ( 31 ) ئىنسان - الآية 31
اﷲ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. اﷲ زالىملارغا قاتتىق ئازابنى تەييارلىدى

كىتابلار

  • ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى«ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى» بۇ قوللانما ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان كىتاپلارنىڭ بىرىدۇر.ھەج مەۋسۇمىنىڭ يېقىنلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيىتىنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا تاماملىشىنى كۆزدە تۇتۇپ تور بېكىتىمىزدە بۇ قوللانمىنى ئېلان قىلدۇق. بۇ قوللانمىدا، ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ پەرز ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرى، ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشلار ، ھەج ۋە ئۆمرىگە ئائىت ئەھكاملارنى قۇرئان سۈننەتكە تايانغان ھالدا چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ.

    يازما : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/63251

    التحميل :ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى

  • قۇرئان كەرىمدىن ئاخىرقى ئۈچ پارىسىنىڭ تەپسىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر«قۇرئان كەرىمدىن ئاخىرقى ئۈچ پارىسىنىڭ تەپسىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر» ناملىق بۇ ئەسەر ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھازىرگە قەدەر 22خىل تىلدا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى ۋە ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئالدى. بۇ كىتاپ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ﺋﯚﺯ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ رەۋىشتە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ پايدىلىقتۇر. كىتاب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، 1-قىسمى قۇرئان كەرىمنىڭ ئاخىرقى ئۈچ پارىسىنىڭ قىسقىچە تەپسىرى شەيخ مۇھەممەد ئەلئەشقەرنىڭ «زۇبدەتۇل تەپسىر» ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىنغان. 2-قىسمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئەھكاملار، ئەقىدىدىن سوئال -جاۋابلار، تەۋھىد توغرىسىدا دىئالوگ، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى، دۇئا ۋە زىكىرلەر، پەزىلەتلىك ئەمەللەر، ئىسلامدا چەكلەنگەن ئىشلار، تاھارەت ۋە ناماز قائىدىلىرى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان دىنىمىزدىكى مۇھىم ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتاب دىنى ئەھكاملارنى بىلمەيدىغان ياكى بىلىشكە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئەسەر دەپ قارىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى ۋە ئەمەل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

    يازما : بىر گورۇپ ئالىملار

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - مۆمىن جان

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.tafseer.info

    Source : http://www.islamhouse.com/p/190603

    التحميل :قۇرئان كەرىمدىن ئاخىرقى ئۈچ پارىسىنىڭ تەپسىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر

  • يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى«يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفى فىقھىسى» ناملىق بۇ كىتاب، دىنىي ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ دىنىي چۈشەنچە ۋە مېتودلىرىغا كۆرە ئورۇندايدىغان خەلقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر مەنبە ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خەلقىمىز ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ كۆرسەتملىرىگە ئاساسەن دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە نىسبەتەن تولۇق شەكىلدە يېزىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر پارچە فىقھى كىتابى يوق ئىدى. جانابى ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە خەلقىمىزنىڭ دۇئاسى سايىسىدا ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى بۇ كىتابنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۈچ چىقاردى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 5 توم، كىتابنىڭ 1- قىسمى: ئىبادەتكە دائىر مەسىلىلەر. 2-قىسمى: كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 3-قىسمى: قانۇن ۋە ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 4-قىسمى: مۇئامىلە ۋە ئېلىم-بېرىمگە ئائىت مەسىلىلەر. 5-قىسمى: تۇرمۇشتا كۆپ ئۈچرايدىغان ھەر-تۇرلىك فىقھى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    يازما : شەيخ ئابدۇلھەمىد مەھمۇد تاھماز

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : مۇھەممەد ئابدۇللاھ قارى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

    Source : http://www.islamhouse.com/p/338896

    التحميل :يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسىيېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى

  • ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇقتەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان «ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇق» ناملىق بۇ ئەسەر، ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا يېزىلغان سىېلىشتۇرما خاراكتېرلىق كىتاب بولۇپ، ئىسلامدا ھۆرىيەت چۈشەنچىسى، ئىنسان ھەقلىرى نىزامنامىسىنىڭ تارىخى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىنسانىيەت ھەق-ھوقۇقىغا ئائىت نۇقتىلىق بەش نەرسىنى ھىمايە قىلىشنى ئۆز ئۇستىگە ئالغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىسلام شەرىئىتى ۋە ھازىرقى زامان قانۇنىدىكى پرىنسىپلىرى قاتارلىق ھۆرىيەت ۋە ھەق-ھوقۇققا دائىر بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىلىملەر ھوزۇرۇڭلاردا.

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلئەھەد ھاپىز

    Source : http://www.islamhouse.com/p/305061

    التحميل :ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇق

  • غەيۋەت ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى«غەيۋەت ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى»ناملىق بۇ كىتاپتا، غەيۋەتنىڭ ئىنسان ھاياتىغا ۋە كىشىلىك جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان يامان تەسىرى، ئىنسان ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلىشىدىكى ئاساسلىق باسقۇچ ئىكەنلىكى، ئىسلام دىنىمىزدا قاتتىق چەكلەنگەن قىلمىشلىقى، غەيۋەتخور دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇ، رەزىل قىلمىشى ئۈچۈن تىگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ھەدىسگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بايان قىلىدۇ.

    يازما : ھۇسەيىن ئەلئەۋايىشە

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئابددۇلئەھەد ئابدۇلكەرىم

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/52503

    التحميل :غەيۋەت ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى

اختر اللغة

اختر سوره

كىتابلار

اختر التفسير

المشاركه

Bookmark and Share