ئۇيغۇرچە

سۈرە تىن - عدد الآيات 8
وَالتِّينِ وَالزَّيْتُونِ ( 1 ) تىن - الآية 1
ئەنجۈر بىلەن ۋە زەيتۇن بىلەن قەسەمكى،
وَطُورِ سِينِينَ ( 2 ) تىن - الآية 2
سىنا تېغى بىلەن قەسەمكى،
وَهَٰذَا الْبَلَدِ الْأَمِينِ ( 3 ) تىن - الآية 3
بۇ تىنچ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) بىلەن قەسەمكى،
لَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنسَانَ فِي أَحْسَنِ تَقْوِيمٍ ( 4 ) تىن - الآية 4
بىز ئىنساننى شەك - شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق
ثُمَّ رَدَدْنَاهُ أَسْفَلَ سَافِلِينَ ( 5 ) تىن - الآية 5
ئاندىن ئۇنى (چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن) دوزاخقا قايتۇردۇق
إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَلَهُمْ أَجْرٌ غَيْرُ مَمْنُونٍ ( 6 ) تىن - الآية 6
پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ
فَمَا يُكَذِّبُكَ بَعْدُ بِالدِّينِ ( 7 ) تىن - الآية 7
(ئى ئىنسان!) بۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىللەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن) يەنە نېمىشقا قىيامەتنى ئىنكار قىلىسەن؟
أَلَيْسَ اللَّهُ بِأَحْكَمِ الْحَاكِمِينَ ( 8 ) تىن - الآية 8
اﷲ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟

كىتابلار

  • دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار«دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار» ناملىق بۇ كىتابچىدا، ئاپتور ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ۋە يولغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىلەرنى، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىنىڭ قولايلىق بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان218 سوئال ۋە جاۋابنى، سوئال-جاۋاب شەكلىدە تەييارلاپ ھۆزۈرۈڭلارغا تەقدىم قىلدى.

    يازما : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com

    Source : http://www.islamhouse.com/p/193302

    التحميل :دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلاردىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار

  • ياخشىلارنىڭ باغچىسىياخشىلارنىڭ باغچىسى ناملىق بۇ كىتاپ ھەدىسشۇناس ئىمام مۇھيىددىن ئىبنى شەرەپىددىن نەۋەۋىنىڭ ئۈلۈغ خىزمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ كىتاپ ئۆزىنىڭ ئاممىباپلىقى بىلەن كىشىلىك جەمىيەت، ئىجتىمائى تۇرمۇش، ئىبادەت قاتارلىق ئىنسان ھاياتىدا بىلىشگە تېگىشلىك بولغان مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتاپ ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى رىياسەتچىلىكى ئاستىدا بىر گورۇپ دىنى زىيالىلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.

    يازما : ئىمام مۇھيىددىن ئىبنى شەرەپ نەۋەۋى

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/48545

    التحميل :ياخشىلارنىڭ باغچىسى

  • ئىسلام دىنىنى ئومۇمى تونۇشتۇرۇش«ئىسلام دىنىنى ئومۇمى تونۇشتۇرۇش»ناملىق بۇ ئەسەر ئىسلام دىنىنى ئەڭ ئاسان ئۇسۇل بىلەن چۇشەندۇرۇپلا قالماي؛بەلكى ئىسلامنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى مۆمىن قەلبىدە ئۇرغۇتقۇسى.بۇ كىتاب ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن ھەر-خىل شەيتانى خىياللارغا قانائەتلىنەرلىك ئەقلى دەلىل ۋە قۇرئان كەرىم ، ساغلام ھەدىسلەرنىڭ روھى بىلەن ئىلمى ئاساستا ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

    يازما : ئەلى تەنتاۋى - ئەلى تەنتاۋى

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/70722

    التحميل :ئىسلام دىنىنى ئومۇمى تونۇشتۇرۇش

  • ئىسلام ئەقىدىسى ھەققىدە سوئال جاۋاپقولىڭىزدىكى بۇ كىتابچە ساماۋىي كىتابلار ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملار دەۋەت قىلغان، ھەر قانداق بىر كىشى ئۇنىڭسىز دىندا نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدىغان ، تەۋھىدنى ئاساس قىلغان ناھايىتى پايدىلىق بىر كىتابچىدۇر. بۇ كىتابچە داغدام يولغا، ئاشكارا ھەقىقەتكە باشلاپ، اﷲ نىڭ كامالى سۈپىتىگە زىت كېلىدىغان بارلىق شەكلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىماننى ۋە ئۇنىڭ خىسلەتلىرىنى شەرھىيلەپ بېرىدۇ.

    يازما : ھاپىز ئىبنى ئەھمەد ئەلھەكەمىي

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - سابىرجان

    Source : http://www.islamhouse.com/p/18239

    التحميل :ئىسلام ئەقىدىسى ھەققىدە سوئال جاۋاپ

  • ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى«ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى» بۇ قوللانما ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان كىتاپلارنىڭ بىرىدۇر.ھەج مەۋسۇمىنىڭ يېقىنلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيىتىنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا تاماملىشىنى كۆزدە تۇتۇپ تور بېكىتىمىزدە بۇ قوللانمىنى ئېلان قىلدۇق. بۇ قوللانمىدا، ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ پەرز ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرى، ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشلار ، ھەج ۋە ئۆمرىگە ئائىت ئەھكاملارنى قۇرئان سۈننەتكە تايانغان ھالدا چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ.

    يازما : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/63251

    التحميل :ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى

اختر اللغة

اختر سوره

كىتابلار

اختر التفسير

المشاركه

Bookmark and Share